تالىبانلار كەلگۈسى سىياسىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. 

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد 17-ئاۋغۇست مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بارلىق ئافغانىستانلىقلارغا ئومۇمىي كەچۈرۈم ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ھەتتا غەرب ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلارنىمۇ جازالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «بىز سىلەرگە شۇنى كاپالەت بېرىمىزكى، ھېچكىم سىلەردىن نېمىشقا غەرب ئارمىيەسىگە ياردەم قىلدىڭلار، دەپ سورىمايدۇ» دېگەننى تەكىتلىگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە تالىباننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىنچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام قانۇنى رامكىسى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئىسلام رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە جەمئىيەتتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىردا يەنە شەخسىي تاراتقۇلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ دۆلەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تالىباننىڭ يەنە بىر باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى قېتىم ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئاياللارنى باش ۋە بەدەننى تولۇق قاپلىغان بۇرقا كىيىشكە زورلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «بۇرقا ئاياللار كىيەلەيدىغان بىردىنبىر رومال ئەمەس، بىزنىڭ ئوخشىمىغان تۈردىكى روماللىرىمىز بولىدۇ، پەقەت بۇرقا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايس ئەڭ يېڭى باياناتىدا تالىبان يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تالىباننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئاياللارنى كابىنېتقا قاتناشتۇرۇش، تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق