خىتاي تالىبانلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى

تالىبانلار ئافغانىستاننى تېز سۈرئەتتە ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي تالىبانلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە كەلگۈسىسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇخبىرنىڭ «خىتاي تەرەپ تالىبانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆزلەشتىمۇ؟ تالىبانلاردىن خىتاينىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، تالىبان مەسئۇللىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدا خىتايغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى، تالىباننىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۇلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 7-ئاينىڭ بېشىدا ئافغانىستاندىن 210 پۇقرانى چېكىندۈرگەن. شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئافغانىستاندىكى خىتايلارنى تېزلىكتە ئايرىلىشقا چاقىرغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستاندا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، تالىبانلار بىلەن ئاشكارا ئالاقە قىلغان. خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئەڭ يېقىنقى رەسمىي ئۇچرىشىشى بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تالىبان رەھبىرى موللا ئابدۇللا غېنى بىرادەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن.

نۆۋەتتە خىتايدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭمۇ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن دۈشەنبە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، بىراق سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 10:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق