ئەشرەف غەنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە مىللىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پايتەخت كابۇل قولدىن كەتكەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبانلار پايتەخت كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى لىق پۇل بېسىلغان تۆت ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەن. رۇسىيە لېنتا خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەشرەف غەنىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ تاجىكىستانغا قونماي، دۈشەنبە ئايرودۇرۇمىنى ئايلىنىپ، يۆنىلىشىنى ئومانغا قاراتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەشرەف غەنى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئىراننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن ئومانغا بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەشرەف غېنىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىككى مەسلىھەتچىسى، باش مىنىستىر مەھمۇت فازلى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھەمدۇللا مۇيبا قاتارلىقلار بار ئىكەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئومانغا چۈشكەن ئەشرەف غەنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوممان ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق بەرگەن. رۇسىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانا باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كابۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلانغا چىققان ئەشرەف غەنى لىق پۇل قاچىلانغان تۆت يۈك ماشىنىسى بىلەن قېچىپ كەتكەن، ئەمما بىر قىسىم پۇللار ئاخىرقى پەيتتە يولدا قېلىپ قالغان.

بۇ خەۋەر 1386 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 09:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق