شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بورتالا ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ چېگرا ئېغىزىدا ئۈچ كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 15-ئاۋغۇست ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ئېغىزى رايونىدىكى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئىجرا قىلىنىدىغان قەرەللىك تېببىي تەكشۈرۈشتە، ئۈچ كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارغا بىردەك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويغان. نۆۋەتتە بىمارلار بورتالا ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە چېگرادىن ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن چىققانلىق تارىخى، شۇنداقلا ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك رايونلاردا ساياھەت قىلغانلىق، تۇرغانلىق تارىخى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە گۇمانلىق بىمارلار ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىمۇ يوق ئىكەن.

نۆۋەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ۋە بورتالا ئوبلاستلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئالاتاۋ شەھىرىگە ئەۋەتىپ، رايوننى قاتتىق كونترول قىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزىنى ئىگىلەپ، يېقىندىن ئۇچراشقان 98 كىشى، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 88 كىشى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىغا يوللانغان. ئالاتاۋ شەھىرى 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا ئېغىزىدا يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 975 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 12:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق