خىتاي خاككېرلىرى ئىرانلىقلار قىياپىتىدە ئىسرائىلىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا بىر تەتقىقات نەتىجىسى خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىران خاككېرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىسرائىلىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى «ئوت كۆز»نىڭ (FireEye) 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى خىتاي جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسى «UNC215»نىڭ يىراقتىن كونترول قىلىش كېلىشىمنامىسىدىكى يوچۇق ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسى «UNC215» 2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، IT سودىگەرلىرى ۋە تېلېگراف شىركەتلىرىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. تەتقىقات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

مەزكۇر خىتاي خاككېرلار 2019-ۋە 2020-يىللىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ كومپيۇتېرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئىرانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تور قوراللىرىنى ۋە پارسچە يېزىقنى ئىشلەتكەن، شۇنداقلا ئىز قالدۇرماسلىققا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشقان. بۇ سەۋەبلىك تەكشۈرگۈچىلەر ئېرىشكەن دەسلەپكى يىپ ئۇچى باش جىنايەتچىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئەمما تەكشۈرگۈچىلەر دەلىل-ئىسپاتلارنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا تور جاسۇسلۇقى دېلولىرىدىن توپلانغان ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىراننىڭ ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى، بەلكى تېھراندىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسى قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي ئالاھىدە خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مەزكۇر تور ھۇجۇملىرى ھەقىقەتەن خىتاي رېجىمىنىڭ قىلمىشى بولسا، بۇ خىتاينىڭ ھەر خىل ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە سودا كېلىشىملىرى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرقنى سىياسىي جەھەتتىن پارچىلاشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئويۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تور جاسۇسلۇقى ۋە ئوغرىلىق قىلمىشلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1038 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق