دۇبەيدە خىتاينىڭ مەخپىي تۈرمىسى بارلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي تۈرمە تەسىس قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلغان.

ۋۇ خۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي ئايال ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇبەيدىكى مەخپىي تۈرمىدە كەم دېگەندە سەككىز كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، ئۇ يەردە يەنە ئىككى ئۇيغۇرنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى «قارا تۈرمە»سىنىڭ تۇنجى ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋاڭ جىڭيى ئىسىملىك بىر خىتاي ئۆكتىچىنىڭ بولغۇسى ئايالى بولغان ۋۇ خۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دۇبەيدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بىر تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن داچىغا ئاپىرىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇ بۇ تۈرمىدە باشقا ئىككى ئۇيغۇرنىڭمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ «نېمىشقا مېنى تۇتىسىلەر؟ مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن تۈركىيەگە كېتىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئۇ قامىلىش جەريانىدا خىتاي خادىملارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ۋە بولغۇسى ئېرىنى پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلغان ھۆججەتلەرگە مەجبۇرىي ئىمزا قويغان. ئۇ ئاخىرى 8-ئاۋغۇست قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر گوللاندىيەدە پاناھلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «قارا تۈرمە» خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر خىتاي ئايال ئاشكارىلىغان پاكىتلار مۇتەخەسسىسلەرگە نىسبەتەن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش تۈرمىلەرنى قۇرغانلىقىغا ئائىت بىردىنبىر ئىسپات ئىكەن. خىتاي خەلقئارالىق تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل قارا تۈرمىلەرنى خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئۆكتىچىلەرنى، چەت ئەلگە قاچقان ئەمەلدارلارنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ياكى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلارنى رەت قىلىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن.

دۇبەي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى باياناتىدا: «دۇبەي خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان تەرتىپ ۋە يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، ھېچقانداق چەت ئەللىكنى تۇتۇپ تۇرمايدۇ، شۇنداقلا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا ھەر قانداق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىشىغا يول قويمايدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى، شۇنداقلا بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇبەيدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان-قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەز ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۇ خەۋەر 1187 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 11:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق