تالىباننىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قاتلىمى كىملەردىن تەشكىللەنگەن؟

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س 16-ئاۋغۇست تالىباننىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تالىباننىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قاتلىمى تونۇشتۇرۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئەسىر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، تالىبانلار 1990-يىللارنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم پاكىستاننىڭ شىمالىدا ئوتتۇرىغا چىققان. تالىبانلار پۇشتۇ مىللىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم دىنىي مەكتەپتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. تالىبانلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپى يولىنى چىڭ تۇتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۆز ۋاقتىدا ياردەمنىڭ كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن. تالىبانلار نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەدە قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن  كېيىن، ئافغانىستاننى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىپ، شەرىئەت ھاكىمىيىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتقا 1994-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە موللا مۇھەممەد ئۆمەر ئەمىر بولغان، 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئەختەر مەنسۇر ئەمىر بولغان. 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە ئەمىرلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە شۇندىن بۇيان تالىبان تەشكىلاتىدا سىياسىي، دىنىي ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئەڭ ئالىي رەھبەر بولۇپ كەلگەن. 

ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قازىلىق ۋەزىپىسىنى موللا ئابدۇللاھ ھاجىم ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، تالىباننىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئىكەن. مۇئاۋىن سىياسىي رەھبىرى موللا ئابدۇللاھ غېنى بىرادەر تالىبان تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە تالىباننىڭ دوھادىكى دىپلوماتىيە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن. موللا مۇھەممەد ياقۇپ تالىباننىڭ ئارمىيە ئىشلىرى قوماندانى ۋە مۇئاۋىن ئەمىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، تالىباننىڭ قۇرغۇچىسى موللا ئۆمەرنىڭ جىيەنى ئىكەن. مۇئاۋىن ئەمىرى سىراجىدىن ھەققانىي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جىھادىي ھەرىكەت ھەققانىي تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ئىكەن. 

ئۇندىن باشقا تالىباننىڭ ئارمىيە، ئىستىخبارات، سىياسەت قاتارلىق ئىچكى ئىشلىرى كومىتېتى 13 ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ كومىتېت بىلەن قاتارنىڭ دوھادىكى ئىشخانىسى تالىباننىڭ خەلقئارا ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەن.

نۆۋەتتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغان تالىبانلارنىڭ كېيىنكى قەدەملىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. 

بۇ خەۋەر 2359 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق