ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 1300 گە يەتتى

14-ئاۋغۇست ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز بويى رايونىدا 7.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 1300 گە يېقىنلاشقان.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 1297 گە يەتكەن بولۇپ، يەنە 5700 كىشى يارىلانغان. 14 مىڭغا ئۆي ۋەيران بولغاندىن سىرت، يەنە 14 مىڭغا يېقىن ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. كۆپلىگەن يوللار ۋەيران بولغانلىقى سەۋەبلىك، قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خىزمىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.

بۇ قېتملىق يەر تەۋرەش 7.2 بالغا يەتكەن بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن. تەۋرەش نۇقتىسى 2010-يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەش رايونىغا 96 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھايتىدا بىر ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 699 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2021 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق