جورج سوروس: شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى خىتايغا تەھدىت

دۇنياغا داڭلىق پۇل-مۇئامىلە ماگناتى جورج سوروس(George Soros)13-ئاۋغۇست ۋال كوچىسى گېزىتىدە «شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان.

جورج سوروس ماقالىسىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاينى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئۆزگەرتىش خىيالى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بارلىقى، بۇ خىل ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشقان توقۇنۇشلار داۋامىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

جورج سوروسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ توقۇنۇشنىڭ يادروسى بولسا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىكىدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتىك ۋە ئوچۇق جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رولى شەخسىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئىكەن.

ماقالىدە يېزىلىشىچە، شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭنى ئىلغار تەشكىلىي سىستېمىنى ئىجاد قىلدى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىكەن. يەنى بۇ سىستېما ئەمەلىيەتتە بىر يېپىق مۇستەبىت جەمئىيەت بولۇپ، شەخسلەر بىر پارتىيە كونتروللۇقىدىكى دۆلەتكە تەۋە ئىكەن. شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ئەۋزەل جەمئىيەت بولۇپ، تېخىمۇ ئىنتىزامچان، كۈچلۈك ئىكەن. شۇڭا توقۇنۇشتا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

سوروسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىپ، ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شى جىنپىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا تەيۋەننى ئىشغال قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھەربىي ئىقتىدارىنىمۇ ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، بىراق 2022-يىلى يەنىلا مۇھىم توسالغۇغا دۇچ كېلىدىكەن. يەنى ئۇ نۆۋەتلىشىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە ئۆتەشكە ئۆزگەرتمەكچى بولغان بولۇپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى تولۇق قولىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كەم دېگەندە 10 يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شى ئۆزىنىڭ پىلانىغا قارشى نۇرغۇن دۈشمەنلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ رەقىبلەرنى ئۇنىڭغا قارشى تۇرالمايدىغان ھالەتكە ئەكېلىشكە ئۇرۇنغان. بۇ خىل ھالەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇشلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر گاڭگىراپ قالغان بولۇپ، بۇ قالايمىقانچىلىق داۋالغۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

90 ياشتىن ئاشقان جورج سوروس تەسىر كۈچكە ئىگە پۇل-مۇئامىلە ماگناتى بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق مىلياردېرلاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 754 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2021 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق