قاراقاش ناھىيەسىدە 150 مىڭ كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

قاراقاش ناھىيەسىدە 150 مىڭ كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

پىدائىيلارنىڭ گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىدە 150 مىڭ كىشىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراقاش ناھىيە تەۋەلىكىدە ئالتە ئورۇندا جازا لاگېرى ۋە قاماقخانا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆتى قاراقاش ناھىيە بازىرىغا سېلىنغان، ئىككىسى ناھىيە مەركىزىدىن 20 كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان سايباغ يېزىسىدىكى قۇملۇققا سېلىنغان. بەش جازا لاگېرىدا تەخمىنەن 6500 دىن ئارتۇق كامېر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 500دىن ئارتۇقى ئايرىپ قاماش كامېرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سايباغ يېزىسىغا تەۋە قۇملۇقتىكى لاگېرنىڭ ئەتراپىغا يەنە يېڭىدىن 50 يۈرۈش بىنا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ شەكلى جازا لاگېرىنىڭ بىنالىرىغا ئوخشاش شەكىلدە ئىكەن. بۇ بىنادا تەخمىنەن 8000 كامېر بار ئىكەن.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نوپوسى خىتاينىڭ 2017-يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 500 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ (ئەلۋەتتە تولۇق مەلۇمات بەرمەيدۇ)، بۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە ھېسابلىغاندا ناھىيە نوپۇسىنىڭ %30ى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىنغان كىچىك بالىلار، جازا مۇددىتى كېسىلىپ تۈرمىگە قامالغان، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئېنىق بولمىغاچقا بۇ سانلىق مەلۇماتقا قوشۇلمىغان.
تۆۋەندىكى گوگېل خەرىتىسىدىن ئېلىنغان سۈرەتلەر ئارقىلىق قاماقخانا ھەم جازا لاگېرلىرىنى تونۇۋېلىڭ.
1-، 2-سۈرەت قاراقاش ناھىيەلىك ۋوگزال يېنىدىكى جازا لاگېرى. ئۇنىڭ كۆلىمى 1000 گىكتار ئەتراپىدا بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق كامېر بار.


3-، 4-سۈرەت قاراقاش ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى قاماقخانا بولۇپ، ئىككى خىل قۇرۇلۇش شەكلىدە سېلىنغان. كۆلىمى 100 گىكتار ئەتراپىدا بولۇپ، ئاز دېگەندە 300 كامېر بار.


5-، 6-سۈرەت قاراقاش ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى جازا لاگېرى. ئۇنىڭ كۆلىمى 120 گىكتار بولۇپ، ئاز دېگەندە 900 كامېر بار.


7-، 8-سۈرەت قاراقاش ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى جازا لاگېرى. ئۇنىڭ كۆلىمى 60 گىكتار ئەتراپىدا كېلىدۇ. بەش قەۋەتلىك بىنادىن جەمئىي يەتتە يۈرۈش بار بولۇپ، ئۇنىڭدا 1000غا يېقىن كامېر بار.


9-، 10-سۈرەت قاراقاش بازىرىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان سايباغ يېزىسىدىكى قۇملۇققا سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 300 گىكتار كېلىدۇ. بەش قەۋەتلىك 10 يۈرۈش بىنا بار بولۇپ، ئاز دېگەندە 2200 كامېر بار.


11-، 12-سۈرەت قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسىدىكى قۇملۇققا سېلىنغان قاماقخانا بولۇپ، ئۇنىڭدا 150دىن ئارتۇق كامېر بار.


13-سۈرەت بولسا قۇملۇققا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىنالارنىڭ كۆرۈنۈشى.

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1842 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2019 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق