ئامېرىكا: لىتۋانىيەنىڭ خىتايغا تۇتقان مەيدانىنى قوللايمىز

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman) لىتۋانىيەنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار قارارىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

ۋېندى شېرمان 13-ئاۋغۇست لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىلىيېس لەندسبېرگىس (Gabrielius Landsbergis) بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، لىتۋانىيەدىن ئىبارەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇ دۆلەتنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىش مەسىلىدە لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى  پوزىتسىيەسىگە نارازىلىقى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنى ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى»گە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا لىتۋانىيەدىن خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 613 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق