تاراتقۇلار: تالىبانلار كابۇلغا يېتىپ بېرىشقا 70 كىلومېتىر قالدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاندا تېزلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، كابۇلغا يېتىپ بېرىشقا 70 كىلومېتىر مۇساپە قالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پۇلىئالەمنىمۇ ئىگىلىگەن. بىر پارلامېنت ئەزاسى تالىبانلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىگىلەپ، ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇلىئالەمدە تەخمىنەن 120 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى لوگار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ئىكەن. بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تالىبان قوراللىقلىرى لۇگار ۋىلايىتىگە مەركەزلىشىپ، پايتەخت كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. تالىبانلار نۆۋەتتە ئافغانىستان تەۋەسىدىكى يەتتە رايوننىڭ بەشىنى كونترول قىلغان بولۇپ، كابۇلغا تۇتىشىدىغان چوشاي ۋە مۇھەممەد ئاغا بىلەن چېگرالىنىدىغان ئىككى رايوننى ئىگىلەش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر قىسىم خادىملارنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كابۇلغا 3000 ئەسكەرنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى پات يېقىندا ھىندىقۇش رايونىغا يېتىپ كېلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايسنىڭ(Ned Price)بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى تاقايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، كابۇلدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

يەرلىك سىياسىيونىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىرات تالىبانلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، تالىبانلار خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مۇھىم قوماندانى مۇھەممەد ئىسمائىل خان، شۇنداقلا ئۆلكە باشلىقى ۋە باشقا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى قولغا ئالغان. تالىبانلار مەزكۇر ئەمەلدارلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بەرگەن. ئىسمائىل خان ئافغانىستاندىكى ئەڭ داڭلىق خەلق ئەسكەرلىرى قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تالىبانغا قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان قوماندانلارنىڭ بىرى ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى خەتەرلىك ھالغا كېلىشكە باشلىغان. ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ جەنۋەدىكى باياناتچىسى: «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلدۇق. بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار قېچىشقا باشلىدى» دېگەن. دۇنيا ئاشلىق پىلان ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى:«نۆۋەتتە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىنىڭ ئاشلىق تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس» دېگەن.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق