خىتايدىكى بەش شەھەردە كەلكۈن سەۋەبلىك قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان

خىتاي تېڭشۈن تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە 21 ئادەم  ئۆلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇبېيدا ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلكۈنگە ئۆزگىرىپ، 21 كىشى ئۆلگەن، ئالتە مىڭغا يېقىن كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. خۇبېي ئۆلكىسىگە تەۋە بەش شەھەردە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇبېيدىكى يىچېڭ قاتتىق يامغۇرنىڭ زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، پەيشەنبىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 400 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. كوچا ۋە يوللاردا ئاققان سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىرىغا يەتكەن. پەيشەنبە كەچكىچە خۇبېي ئۆلكىسىدىكى 774 سۇ ئامبىرى كەلكۈندىن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ليۇلىن بازىرىدىكى 8000 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان، 2700 دىن ئارتۇق ئۆي بۇزۇلغان، 221 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. يول، كۆۋرۈك ۋە ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان.

بۇ خەۋەر 593 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 12:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق