دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ۋىرۇسنىڭ ئەسلى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ۋىرۇسنىڭ ئەسلى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 12-ئاۋغۇست ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى باشلاش مەقسىتىدە خىتاينى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان. خىتاي تەرەپ بولسا جۈمە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش پىلانى خىتاي-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنى ئاساس قىلمىدى، دەپ تەنقىد قىلغان.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۇ 13-ئاۋغۇست خىتاينىڭ ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە توختىلىپ: «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئىلمىي مەسىلە، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاياتقا سەل قاراش، ئىلمىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ھوقۇقى يوق. خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تەۋسىيەلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدۇ. بىزنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىمىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغان تەكشۈرۈش ھەمدە خىتاي-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدىن ۋاز كېچىش ئەھۋالى» دەپ جار سالغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن بىر ئەسىر ئىچىدە پەيدا بولغان ئەڭ ئېغىر تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 2019-يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەندە باشلىنىپ، دۇنيا مىقياسىغا تېزلىكتە تارقالغان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك، ھازىرغىچە كەم دېگەندە 4 مىليون 300 مىڭ كىشى قازا قىلغان. يۇقۇم يەنە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە قاراشلار كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 929 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق