خىتاينىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە سالغان زور مىقداردىكى مەبلىغى دىققەت قوزغىدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق ئەمەلدار ھەسەنجان ئەخمەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيول تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا جەمئىي 34 مىليارد 996 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان بويىچە تاشيول تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەن، بولۇپمۇ 7-ئايدا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە تەخمىنەن 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. 

ھەسەنجان ئەخمەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش-تىرانسپورت تۇراقلىق مۈلكىگە 60 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىدىكەن. ھەرقايسى تۈرلەردە سېلىنما قۇرۇلۇش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە يەنە G314 لىنىيەسىدىكى بۇلۇڭكۆل-قونجىراپ پورتى بۆلىكى قاتارلىق 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان يەتتە تۈر، G3018 لىنىيەسىدىكى جىڭ-ئالاتاۋ پورتى قاتارلىق 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان تۆت تۈر ھەمدە بۇ يىل يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانلانغان توققۇز تۈرگە زور كۈچ سەرپ قىلىش پىلانلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، رايونغا يەرلەشكەن ئاققۇن خىتايلارغا ئالاھىدە سىياسىي ئىمتىياز ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويغانلىقىنى، خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى تېزلىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى مەھسۇلاتلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، زور مەبلەغ سېلىپ ساياھەت رايونلىرىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، تاشيول ۋە ھاۋا قاتناش تۈرلىرىگە زور مىقداردا خىراجەت ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 10:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق