ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق شىركەتلەر خەلقئارادا يەنىلا سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتون دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەتقىقات مەركىزى (C4ADS) 12-ئاۋغۇست «كۆلەڭگە كەتمىدى، شىنجاڭدىكى باستۇرۇشقا چېتىلغان شىركەتلەرنى خەلقئارالىق ئىقتىسادى قوللاش ئۇسۇلى» ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى مىسال قىلىنغان بولۇپ، دىۋىزىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق تىجارەت تورى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە بېرىلگەن جازا ۋە خەلقئارالىق ئەيىبلەشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشنى توسۇپ قالالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا شەكىلدىكى زۇلۇملاردىن داۋاملىق نەپكە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغان پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا دۇچ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئورگاننى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ قارىغان. شۇنداقتىمۇ داڭلىق ماركا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەمىنلىگۈچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پارچە سېتىش شىركەتلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى تارماق شىركەتلىرى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىساد پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، تارماق شىركەتلىرى ئارقىلىق خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا سىڭىپ كىرگەن ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق بانكا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇ پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىگە مەبلەغ سالغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ پاي كونتروللۇقىدىكى تارماق شىركەتلەرنىڭ سانى 2923 گە يېتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق