شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېرروچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېرروچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان خەلقكە تۈرلۈك باشقۇرۇشلارنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا تېررورچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاق شېكەرمۇ خەتەرلىك بۇيۇملار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ چوقۇم كىملىكىنى كۆرسىتىپ، تىزىملىتىش ئارقىلىق ئاندىن سېتىۋالالايدىغانلىقى، شۇنداقلا بىر كىملىككە پەقەت بىر كىلوگراملا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى شېكەردىن بومبا ياساش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى سەۋەب قىلغان بولۇپ، كىملىك ئارقىلىق سېتىۋالمىغانلار جازا لاگېرىغا سولانغان. كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر دۇكاندار كىملىكنى تىزىملىماي شېكەر ساتقانلىقى ئۈچۈن 4000 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن.


ئۇندىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىدىكى چىراي تونۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقى، كىملىكى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى بازارلارغىمۇ ئوخشاش تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
بىر قىسىم خىتاي پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلار خىتاي پۇقرالىنىمۇ نارازى قىلغان ۋە بىر قىسىم خىتاي سودىگەرلەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كەتكەن.

مەنبە:https://zh.bitterwinter.org/in-xinjiang-even-buying-sugar-can-send-you-to-an-internment-camp/

 

 

 

بۇ خەۋەر 1967 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2019 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق