پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 12-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن، توققۇز خىتاينىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئادەم بومبىسى ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى (Shah Mehmood Qureshi) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىلانلىق ئادەم بومبىسى ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىنىڭ ھىندىستان ۋە ئافغانىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىدىكى «ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
14-ئىيۇل خىتاي ئىنژېنېرلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى داسۇ توسمىسىغا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتكەن بولۇپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە 28 خىتاينىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. خىتاي ئەينى ۋاقىتتا بۇنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئاتاپ، پاكىستان تەرەپتىن ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، پاكىستاننىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئافغانىستان تەرەپ ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
قۇرەيشى باياناتىدا بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ باش جىنايەتچىسىنىڭ تالىبان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما تالىبان رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.