ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارى: تالىبان 90 كۈن ئىچىدە كابۇلنى ئىگىلىشى مۇمكىن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئىستىخبارات باھالاش دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تالىباننىڭ 90 كۈن ئىچىدە كابۇلنى ئىگىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبان قىسىملىرى ئالتە كۈن ئىچىدە تېز سۈرئەتتە سەككىز ۋىلايەتنىڭ مەركىزىنى كونترول قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. 

ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا ئالتە ئاي ئىچىدە ئاغدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يېڭى باھالاش دوكلاتى تالىبان ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرگە تېزلىكتە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن قايتا باھالانغان. ئۇ يەنە بۇ باھانىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قارشىلىقنى كۈچەيتىپ، يەنە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ پەرەزنىڭ ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكى ياكى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرى بارلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ خەۋەر 730 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2021 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق