دوكلات: خىتاي كامبودژادا تۈمەنلىگەن ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 10-ئاۋغۇست خىتايغا ئالاقىدار يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ كامبودژا خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كامبودژانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان چوڭ تىپتىكى توسما قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئەسلىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايلا قالماي، بەلكى تۈمەنلىگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سېسان دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىم ئىككىنچى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى كامبودژانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، 400 مىليون ۋات توك ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان. بۇ قۇرۇلۇش 2018-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا تالاش-تارتىش قوزغىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، تەشكىلات خادىملىرى ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىچىدىن 60 قا يېقىن كىشىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى ئېقىن ۋە تۆۋەن ئېقىندا ياشايدىغان ئون مىڭلىغان ئاھالىنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ۋەيران قىلغۇچ زىيان سالغانلىقىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە دوكلاتنى تەييارلىغۇچى جون سىفتون (John Sifton)نىڭ كۆرسىتىشىچە، سېسان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن ئىككىنچى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەرلىك خەلق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بۇ يەردە بېلىق تۇتۇش، ئورمانچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىككە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش سەۋەبلىك خەلقنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسى زىيانغا ئۇچرىغان. كامبودژا دائىرىلىرى بولسا تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قىلمىغان، ھەتتا زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تۆلەممۇ تۆلەپ بەرمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ خىتاينىڭ خۇانېڭ گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى كامبودژا ئېھتىياجلىق بولغان توك ئىشلەپچىقىرىشقا ۋەدە بەرگەنىكەن. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 780 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 668 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق