تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يازدى

تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ (TYB) نىڭ رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور مۇسا كازىم ئارىجان بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىرلىككە ۋاكالىتەن شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر مەكتۇپ تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 4-ئاۋغۇست يېزىلغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن. مەكتۇپتا دوكتور ئارىجان تۈركىيە يازغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىرقىي، رەڭگى، تىلى، دىنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ياشاش ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك، روھىي، جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن دەپسەنچىلىكىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئوخشاش ئەجداد ۋە ئېتىقادقا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشاپ، بارلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە بولسا بۇنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپتا يەنە بۇ يىل 21-ئىيۇندا ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ۋە يىغىن خۇلاسىسى مەكتۇپنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان. يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپ ۋە مۇھاكىمە يىغىنى خۇلاسىسى يەنە بەش خىل تىلدا تەييارلىنىپ، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتىنىڭ رەئىسىگە، ب د ت باش كاتىپىغا ۋە ناتو باش كاتىپىغا يوللانغان.

تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى 1978-يىلى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، باش ئورگىنى ئەنقەرەدە.

بۇ خەۋەر 811 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2021 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق