خىتاي يولغا قويماقچى بولغان «يول باشلىقى تۈزۈمى» دىققەت قوزغىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يېزا تاشيوللاردا «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا تاشيوللاردا ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك «يول باشلىقى تۈزۈمى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بارلىق يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسىگە مەخسۇس قارايدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلىغان.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيە (شەھەر) ئەمەلدارلىرى مەسئۇل يول باشلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدىكەن. ناھىيە دەرىجىلىك يول باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىكى قاتناش-تىرانسپورت خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارلار ئۈستىگە ئالىدىكەن. يېزا دەرىجىلىك يول باشلىقلىقىنى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل ئەمەلدارلار ئۈستىگە ئالىدىكەن. كەنت دەرىجىلىك يول باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك يول باشلىقلىرى مۇناسىپ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش، يېزا تاشيوللىرىدىكى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا كونكرېت مەسئۇل بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە زىچ كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىپ، خەلقنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل مىسلى كۆرۈلمىگەن كونترول قىلىش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پەيتتە، يەنە تاشيوللارنى بۆلۈپ نازارەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ ئەندىشىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق