خىتاينىڭ ئىككى مىنىستىرلىكى ئارىسىدىكى زىددىيەت ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ «جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى» خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بەرگەن.

جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ئىچىدە ئاتالمىش «جەڭ بۆرىسى دىپلوماتىيەسى» يولىنى تۇتقان بولۇپ، خىتاي قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىرلىكتە خىتايغا قارشى تەييارلىق كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنى قوغداش ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى باشلانغان. ئۇندىن باشقا شى جىنپىڭ يېقىندىن بۇيان خۇسۇسىي كارخانىچىلارنى توختىماي باستۇرغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكى زىددىيەتكە پېتىپ قالدى، پەرەز قىلغان.

9-ئاۋغۇست جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شەخسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆزئارا پۇت تېپىشىشكە باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ «جەڭ بۆرىسى دىپلوماتىيەسى» دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارادا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىگە كۆپلىگەن دۈشمەن تېپىۋالغان. خىتاي ھەقىقىي ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر پەيتتە، خىتاي ئارمىيەسى «دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە قوشۇن» بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ھەتتا شى جىنپىڭغىچە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ شى جىنپىڭغا بىر-بىرىنى شىكايەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ئارمىيەسىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە زىيادە «يۇمشاقلىق قىلدى» دەپ تەنقىد قىلغان. خىتاي ئارمىيەسى شى جىنپىڭغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «جەڭ بۆرىسى دىپلوماتىيەسى»دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى بۇ ھەقتىكى ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىچى-سىرتىغا قارىتا ئىككى تۈرلۈك تەشۋىقات ئۆلچىمى قوللانغانلىقىنى، «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتالغان ئىچىگە قاتتىق، سىرتقا يۇمشاق مەيداننى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىپلوماتىك چەمبىرىكىدىكى «جەڭ بۆرىسى» ۋە «مۈشۈكئېيىق»تىن ئىبارەت ئىككى يول ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارادىكى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە ھەربىي ساھە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئاساسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالىنى ئېنىق ئاشكارىلىغان. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەر ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. 

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2021 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق