مىسىر ۋەقەسى ھەققىدىكى تۇنجى دوكلات ئىككى تىلدا ئېلان قىلىندى

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى يېقىندا ئەرەبچە ۋە تۈركچە ئىككى تىلدا «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى: مىسىر دوكلاتى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى تۇنجى تەپسىلىي مەلۇمات ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر دوكلات تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى تەييارلىغان دوكلاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ئىسپاتلىرى ۋە ئالاقىدار سۈرەتلەر نەقىل ئېلىنىپ، دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا تاپشۇرۇش بېرىشتەك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇش تارىخىنىڭ 1905-يىلىدىن باشلانغانلىقى، شۇندىن بۇيان مىسىرغا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا قارشى سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكى، 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچ مىڭدىن ئاشقانلىقى، 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، 2017-يىلىغا كەلگەندە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش تېررور سىياسىتىگە ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقى، 2017-يىلى 4 -ئىيۇلدىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە بولغان بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە مىسىردا ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بار 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئاز دېگەندە 24 ئۇيغۇرنىڭ «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن دورا يېگۈزۈش ئارقىلىق ھوشسىزلاندۇرۇلۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە كېسىۋېتىلگەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىش جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھەمكارلاشقان سىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 921 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2021 13:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق