خىتايلار: ۋاخان كارىدورى ئەسلى بىزنىڭ زېمىنىمىز

ئافغانىستاندىن كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ چىقىپ كېتىش نەتىجىسىدە تالىبانلار تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئافغانىستان زېمىنىڭ %90 تىنى ئىگىلىگەن جىددىي بىر پەيتتە، خىتايلار ئافغانىستان زېمىنىغا بولغان قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي تور بەتلىرىدە ئافغانىستاننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنىڭ ئەسلى خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان يازمىلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. 

خىتاينىڭ داڭلىق تور بېكىتى بولغان ۋاڭ يى تورىدا بىر بىلوگ يازغۇچىسى بۈگۈن «بۇ زېمىن قولدىن كەتكەچكە، خىتاي تىنچ-ئامان بولدى، ئافغانىستاندا ئۇرۇش تىنچىمىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدا «ۋاخان كارىدورى ئەسلى خىتاي زېمىنى» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.  

ماقالىدە ئافغانىستانغا جايلاشقان ۋاخان كارىدورىنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرى ئىزچىل خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى، كېيىن 19-ئەسىردە چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى، كېيىن چار پادىشاھلىقى ۋاخان كارىدورىنى ئافغانىستانغا بېرىۋەتكەنلىكىدەك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا پاتقان ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ۋاخان كارىدورى ئىكەنلىكى، ۋاخان كارىدورىنىڭ شەرقىي قىسمىغا يىل بويى خىتاي چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، پۈتۈن ۋاخان كارىدورىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى چارلاش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، ۋاخان كارىدورىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يەر شەكلى خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تالىبان زىيارەت ئۆمىكىنى ئالاھىدە قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش مەيدانىنى ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئاسترىتتىن ئافغانىستان زېمىنىغا كۆز قىزارتىۋاتقانلىقىدەك قارا نىيىتىنىمۇ ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1161 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2021 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق