خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىملىق يالغان خەۋەر تارقىتىش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى خەلقئارالىق بېسىم داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ساختا خەۋەر تارقىتىش سەتچىلىكى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا يەنە بىر قېتىم كەڭرى ئورۇن ئالدى.

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، خەلق كۈندىلىك گېزىتى، خىتاي خەۋەرلىرى تورى قاتارلىق خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بېرى «شىۋېيتسارىيەلىك بىيولوگ» دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋىلسون ئېدۋاردس (Wilson Edwards) ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، كۆپ قېتىم خەۋەر ئىشلىگەن. بۇ خەۋەرلەردە مەزكۇر «بىيولوگ»نىڭ «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى خادىملار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى (يەنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى) قوللاپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ ۋە بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ بېسىمىغا، ھەتتا تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 10-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا شىۋېيتسارىيەدە ۋىلسون ئېدۋاردس ئىسىملىك بىر پۇقرانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بىيولوگىيە ساھەسىدىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن ئېلان قىلىنغان بىرەر ئىلمىي ماقالىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىنىڭمۇ بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېچىلغانلىقىنى ۋە بىرلا يازما يوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە بۇنى تۈزەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى بۇ يىل 1-، 2-ئايلاردا خىتاي تەتقىقاتچىلار بىلەن ۋۇخەن قاتارلىق جايلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ چىققان ۋە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ شەپەرەڭدىن ئادەملەرگە تارقالغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ۋە تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىدەك يەكۈننى چىقارغان.

ئەمما ئالدىنقى ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىق ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈشكە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي 22-ئىيۇل بۇ تەلەپنى ھاكاۋۇرلارچە رەت قىلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي تاراتقۇلىرى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغاپ، ۋىرۇسنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستى» دەپ تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇ جەرياندا يالغان خەۋەر تارقىتىشتىنمۇ يانمىغان.

بۇ خىتاينىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىشىنىڭ تۇنجى قېتىم پاش بولۇشى ئەمەس بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدىمۇ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى «فىرانسىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست» دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىر شەخسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوقلۇقى ھەققىدىكى ساختىلىق بىلەن تولغان ماقالىسىنى بەس-بەستە ئېلان قىلغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي فىرانسىيە ئاخبارات ساھەسى بۇنداق بىر ژۇرنالىستنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 716 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2021 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق