خىتاي بىلەن رۇسىيە نىڭشيادا 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، خىتاي بىلەن رۇسىيە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، 9-ئاۋغۇست نىڭشيانىڭ چىڭتوڭشيا بازىسىدا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 13-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بۇ مانېۋىرغا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكەر ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەر سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى، ئىككى تەرەپ رەسمىي ئىتتىپاق تۈزمىگەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەردە خىتاينى قوللاش مەيدانىنى ئېنىق ئىپادە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: «مەزكۇر مانېۋىر خىتاي بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلدى» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «غەربىي قىسىم بىرلەشمە 2021» دەپ ئاتالغان بۇ ھەربىي مانېۋىر خەلقئارا تەرىپىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم سىگنالى دەپ قارالغان. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ F-20 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىمۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىل كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل قىسىملىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتنىشىشى ئىكەن. بۇ مانېۋىرغا رۇسىيە ئارمىيەسى «Su-30SM» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر پولكى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاساسلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ 2005-يىلىدىن باشلاپ قەرەللىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، رۇسىيە ئەسكەرلىرى بۇ يىل تۇنجى قېتىم خىتاي قوراللىرىنى ئىشلىتىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە يېقىندا خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى غەلىبىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىرلىكتە تاجىكىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 10-ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان. موسكۋا يەنە تاجىكىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي بازىسىغا قورال-ياراغ سەپلەشنى كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 821 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2021 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق