خىتاي مىللەتچىلىرى بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، توكيو ئولىمپىكىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئۇلاپلا، خىتاي تور دۇنياسىدا بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسىنى تەكشۈرۈش ۋە جازالاشنى تەلەپ قىلغان چۇقانلار كۆپەيگەن. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، توكيو ئولىمپىكى ئەرلەر پۇتبول تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 7-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىدىن كېيىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بىرازىلىيە كوماندىسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا كوماندىنى قوللىغان خىتاينىڭ «Peak» ماركىلىق كىيىمنى كىيىپ چىقماي، پەقەت بېلىگە تېڭىۋالغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي مىللەتچىلىرى بىرازىلىيە كوماندىسىنى خىتاينىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ، تور دۇنياسىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن ەنھەرىكەتچىلەر مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا چوقۇم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇكاپات كىيىمىنى كىيىشى كېرەك ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئولىمپىكتا بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسى خىتاي ماركىسى «Peak»نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇكاپات تارقىتىلغاندا مۇسابىقە جەريانىدا كىيگەن نايك ماركىلىق كۆينىكىنى كىيىۋالغان. خىتاي ماركىسى «Peak»نىڭ پەقەت ئىشتىنىنىلا كىيىپ، چاپىنىنى بېلىگە باغلىۋالغان. 

بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان خىتايلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ قەستەن قىلىنغان قىلمىش، توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك» دېسە، بەزى خىتايلار بىرازىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

«Peak» شىركىتى دائىرىلىرى 8-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما شىركەت بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر چوقۇم «Peak»نىڭ بىر يۈرۈش كىيىمىنى كىيىپ مۇكاپات ئېلىشى كېرەكلىكىنى، باشقا ماركىلارنىڭ كۆرۈنمەسلىك كېرەكلىكىنى، بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ قېتىملىق ئولىمپىكتا خىتايلاردىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئېنىق ئىپادىلىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 710 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2021 09:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق