گېرمانىيە سىياسىيونلىرى ياۋروپانى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق سىياسىيونلار ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان پاسىلنى تېخىمۇ زورايتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئەكسىچە بولغاندا بازار كونتروللۇقى خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى ئارمىن لاشېت (Armin Laschet)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىرامپ كارېنباۋېر (Kramp-Karenbauer) ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى پېتېر بېيېر(Peter Beyer)بىر قاتار ماقالىلىرىدە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كەلگۈسى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان. 

لاشېت بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ياۋروپادىن ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ: «مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان كۈچلۈك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دېگەن. 

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىرامپ كارېنباۋېر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە زىيادە تايانماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «گېئوپولىتىكىلىق قارا نىيىتى ۋە كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق ئىستىكىگە ئىگە خىتاي ئوچۇق جەمئىيەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاكتىپ دېموكراتىيەنى ئويلاشمايدۇ. بەلكى گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا  دۆلەتلىرىنىڭ بازىرىنى ۋە سىياسىي ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەت خىتايغا ئالاقىدار بولغىنىدا، بۇ مەسىلە ياۋروپانىڭ تەقدىر مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ. ياۋروپانىڭ غايەت زور ۋە تەسىرى كۈچلۈك ئىقتىسادىي لاگېرى بولمىسا، ئامېرىكا يالغۇز ھالدا خىتاي بىلەن ئاسانلىقچە رىقابەتلىشەلمەيدۇ» دېگەن. 

پېتېر بايېرمۇ بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتايغا كەلسەك، ئۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت. بىز ئۇنىڭغا  سەل قارىغىنىمىزغا بەك ئۇزۇن بولدى. خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول سودا پىلانى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. خىتاي مەسىلىسىدە بىتەرەپلىكنى ساقلاش ساددىلىق ۋە خەتەرلىك بىر ئەھۋال» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق گېرمانىيەدە قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. جۈملىدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق