ئامېرىكا بىرازىلىيەنى خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان(Jake Sullivan)9-ئاۋغۇست بىرازىلىيەنى خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىرازىلىيە زىيارىتى جەريانىدا، بىرازىلىيەنى 5G تورى ساھەسىدە خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىرازىلىيە تەرەپ خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغان-ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەن، شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپ تور بىخەتەرلىكىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ غەربىي يېرىم شار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى ۋان گونزالېز (Juan Gonzalez) دۈشەنبە تاراتقۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىدا، بىرازىلىيەنىڭ 5G تورى ساھەسىدە خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز خۇاۋېينىڭ بىرازىلىيەنىڭ تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ئوينايدىغان رولىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىمىز» دېگەن.

گونزالېز يەنە خۇاۋېينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خۇاۋېي ئۆزەك كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، خېرىدارلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىكەن، بۇ ئۇنىڭ خېرىدارلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىرازىلىيە تېلېگراف شىركەتلىرى ئاساسلىقى خىتاي تېلېگراف زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىدىغان تور قۇرۇپ چىققان.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى سودا مىنىستىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، خۇاۋېيدىن ئايرىلىپ چىققان روڭياۋ شىركىتىنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 516 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق