خىتاي لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيەنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى يېڭى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا لىتۋانىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى»گە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ لىتۋانىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقى، شۇنداقلا لىتۋانىيەدىن خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 20-ئىيۇلدىكى باياناتىدا تەيۋەننىڭ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا رەسمىي ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىدىغانلىقىنى، لىتۋانىيەنىڭمۇ بۇ يىل كۈزدە تەيۋەندە ئىشخانا تەسىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لىتۋانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل يىرىكلىشىپ ماڭغان بولۇپ، لىتۋانىيە تەرەپ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لىتۋانىيە پارلامېنتى يەنە بۇ يىل 20-ماي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنىدى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغانىدى.

لىتۋانىيە 1940-يىلدىن 1991-يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ خەۋەر 710 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق