تالىبانلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەش ۋىلايەت مەركىزىنى ئىگىلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار ئۈچ كۈنلۈك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئافغانىستاندىكى بەش ۋىلايەت مەركىزىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبانلار يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى زارانج ۋە ئۇنىڭ شىمالدىكى جوۋزجان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى شەبەرغاننى ئىگىلىگەن. چوڭ شەھەر قۇندۇزنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈشى بىلەن تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمى تېخىمۇ تېزلەشكەن. «ئازادلىق گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تالىبانلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىركەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قىسقىغىنا ئۈچ كۈن ئىچىدە، تالىبان بەش ئۆلكە مەركىزىي شەھىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 8-ئاۋغۇست بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا كابۇلنىڭ شىمالىغا 300 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇندۇز، پايتەخت بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىر كېلىدىغان سارىپۇل ۋە شەرقىي شىمالدىكى تالوقاننى كونترول قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇندۇزنى بىر نەچچە ھەپتە مۇھاسىرىگە ئېلىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن بولۇپ، تالىبانلار ئۈچۈن زور ھەربىي ۋە سىياسىي مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ قالغان. قۇندۇز ئافغانىستاندىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ، كابۇل بىلەن تاجىكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە ئىستراتېگىيەلىك مەركەز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاي ۋە باشقا ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسى كۈچەيگەن بولۇپ، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى بىر قانچە ۋىلايەت مەركىزىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى موسكۋانى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان. رۇسىيە دائىرىلىرى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. رۇسىيە 30-ئىيۇلدىن 10-ئاۋغۇستقىچە ۋە 5-ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇستقىچە ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندا 2000 غا يېقىن ئەسكەر، 400 ھەربىي ماشىنا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. موسكۋا يەنە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەلجەزىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادنىڭ  (Zalmay Khalilzad) بۇ ھەپتە قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا تالىبان تەرەپنى ھەربىي ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە قارىتا ئورتاق خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق