خىتاينىڭ يەنە بىر داڭلىق ماركىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى 6-ئاۋغۇست سودا مىنىستىرلىكىگە مەكتۇپ يېزىپ، خۇاۋېينىڭ بۇرۇنقى تارماق شىركىتى بولغان روڭياۋ (Honor) شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مايكىل مىكولنىڭ باشچىلىقىدىكى 14 پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىگە مەكتۇپ يېزىپ، خۇاۋېينىڭ 2019-يىلى ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، خۇاۋېينىڭ بالا ماركىسى بولغان روڭياۋنىڭ 2020-يىلىغا كەلگەندە خۇاۋېيدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى، ئەمما ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمە تەدبىرلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ چەكلەش تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشىغا ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

باياناتتا: «ئەگەر خۇاۋېيدىن ئايرىلىپ چىققان بۇ شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزمىسەك، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنى ئەسلىدە چەكلىمە قويۇلۇشقا تېگىشلىك بولغان بۇ شىركەت ئىگىلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئېكسپورت كونترولى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان ئورۇنلارنى داۋاملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روڭياۋ ئەسلىدە 2019-يىلى ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان بالا ماركىسى بولۇپ، 2020-يىلى 11-ئايدا شېنجېندىكى يەنە بىر خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەن. بۇ يىل 1-ئايدا روڭياۋ شىركىتى ئىنتېل قاتارلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يېڭى يانفون ئىشلەپچىقارغان.

بۇ خەۋەر 621 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق