توكيو ئولىمپىكى ئاخىرلاشتى، خىتاي كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى

ئۈچ ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان 32-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-ئاۋغۇست رەسمىي ئاياغلاشتى.

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن توكيو يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 23-ئىيۇل توكيودا باشلانغان بولۇپ، 205 دۆلەتتىن كەلگەن 11 مىڭ تەنھەرىكەتچى 33 تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ئالتۇن مېدال سانىدا، شۇنداقلا ئومۇمىي مېدال سانىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، جەمئىي 39 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. خىتاي بولسا 38 ئالتۇن مېدال بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.

توكيو ئولىمپىكى باشلانغاندىن تارتىپ، خىتاينى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋاللار ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇردى. ياپونىيەنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى NHK ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تارقاتقاندا، تەيۋەننى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە «جۇڭگو تەيبېي» دەپ ئاتىماستىن، بەلكى بىۋاسىتە «تەيۋەن» دەپ تونۇشتۇرغان. بۇ خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ياپونىيە قانىلى بۇنى قەستەن قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ NBC قانىلىمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تارقاتقاندا، ئېكراندا كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ خەرىتىسىگە تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننى، شۇنداقلا تالاش-تارتىشتىكى تاقىم ئاراللارنى قوشمىغان. بۇمۇ ئوخشاشلا خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

24-ئاۋغۇست رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى قاتتىق كۈچەۋاتقان سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىگەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئوبرازىمىزنى سەتلەشتۈردى، دەپ جار سالغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن رويتېرس ئاگېنتلىقى ھەمبەھرىلىگەن يەنە بىر نەچچە خىتاي ماھىرنىڭ سۈرىتىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا دۆلەت ماھىرلىرىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ياكى ھاياجاندىن ياش تۆكۈۋاتقان گۈزەل سۈرەتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتايغا كەلگەندە سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، قەستەن چىراي ئىپادىسى بىنورمال سۈرەتلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت 2-ئاۋغۇست ئاياللار ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىككى خىتاي ماھىر ئالتۇن مېدالنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قانخور خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى تاقاپ سەھنىگە چىقىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ مەزكۇر قىزىل تەشۋىقات ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپلا بولدى قىلغان.

خىتاي يىللاردىن بېرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئالتۇن مېدال سانىدا بىرىنچىلىكنى ئېلىشقا قاتتىق كۈچەپ كەلگەن. تەنھەرىكەتچىلەرمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، كىچىكىدىن باشلاپلا پۈتۈن ھاياتىنى ئولىمپىكتا ئالتۇن مېدال ئېلىش ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن. بۇ سەۋەبلىك بۇ قېتىملىق ئولىمپىكتىمۇ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بىر قىسىم خىتاي تەنھەرىكەتچىلەر خىتايلارنىڭ ھاقارىتىگە دۇچ كەلگەن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن مېدال ئالالمىغانلىقى ھەققىدە كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان.

نۆۋەتتە 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبلىك زور قارشىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلار داۋاملىق كۈچەيمەكتە. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ مۆتىدىل سىياسىي مەيدان تۇتىدىغانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمى ۋە قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىز ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ئورنىنى يۆتكەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2021 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق