ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن دەرھال ئايرىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە 7-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالىرىنى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئافغانىستاندىن دەرھال ئايرىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىخەتەرلىك شارائىتى ۋە خادىملارنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك، ئەلچىخانىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ياردەم قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك، ھەتتا كابۇلدىمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ قالدى» دېگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا: «بىز ئىزچىل تۈردە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى مەيدانى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باشقا جايلاردا خىزمەت قىلالايدىغان بارلىق خىزمەتچىلەرنى بۇ يىل 4-ئايدا ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇغان. يېقىندا تالىبان تەرەپ ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى شەنبە جەۋزجەن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى شەبەرغاننى ئىگىلىگەن. بۇ يېقىندىن بىرى تالىبانلار ئىگىلىگەن ئىككىنچى ۋىلايەت مەركىزى ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى شەنبە چۈشتىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.

باياناتتا يەنە: «تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. تالىبانلارنىڭ قىلمىشى ئىلگىرىكى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە مەسىلىلەرنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باياناتىغا زىت. بۇ خىل قىلمىش بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 604 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2021 11:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق