سىپاتنىڭ نىيۇز تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى دەي بىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دەي بىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ۋە كۆرۈشۈشلەرگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار» دېگەن ئىپادىنى ئىشلەتتى.
بۈگۈنگە قەدەر تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە قاتار ساھىبخانلىق قىلىپ كەلگەنىدى.