خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكىگە 10 مىليارد دوللارغا يېقىن خىراجەت ئاجراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

خەبەر ئورتاق تورىنىڭ 6–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا بازار تەتقىقات شىركىتى بولغان خەلقئارا سانلىق مەلۇمات شىركىتى (IDC) ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي تور بىخەتەرلىكىگە 9 مىليارد 700 مىليون دوللار خەجلەيدىكەن.

IDC دوكلاتىدا خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا تور بىخەتەرلىكىگە سالىدىغان مەبلىغىنىڭ تېز ئاشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ 2021-يىلى تور بىخەتەرلىك بازىرىغا سالغان مەبلىغىنىڭ 9 مىليارد 780 مىليون دوللار ئىكەنلىكى، 2025-يىلى 18 مىليارد 790 مىليون دوللارغا يېتىشىدىن ئۈمىد بارلىقى كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكى چىقىمىنىڭ تەخمىنەن% 47.8 ى قاتتىق دېتال ساھەسىگە كەتكەن بولسا، 2021-2025-يىللىرى يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۈچلۈك ئېشىش كۆرۈلىدىكەن. دوكلاتتا تور بىخەتەرلىكى چىقىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تور بىخەتەرلىكى تەھدىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن.

كۈزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش، شىركەتلەرنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈش، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا بۇنى ئىنكار قىلىش بىلەن بۇ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 597 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2021 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق