ئامېرىكا سودىگەرلىرى بايدېننى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى

بىلۇمبېرگ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودىگەرلىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق سودا گۇرۇپپىلىرىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى ۋە ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك پارچە ساتقۇچىلار جەمئىيىتى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى جەمئىيىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسلىق سودا گۇرۇپپىلىرى مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تەيغا بۇ تېمىدا خەت يازغان.

سودا-سانائەتچىلەر بۇ خەتتە خىتاينىڭ سودا كېلىشىمىدىكى مۇھىم ئۆلچەم ۋە ۋەدىلەرنى ئورۇندىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

خەتتە يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان سودا كۈنتەرتىپىدە چوقۇم ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىلىقلارغا بېرىلىدىغان تاموژنا بېجى ۋە ئامېرىكا مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تاموژنا بېجىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك» دېيىلگەن باياناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2021 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق