ئامېرىكا خىتاي ۋىرۇسىغا ئالاقىدار زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈردى

CNN نىڭ 6 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاي ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بايقاشنىڭ ئاچقۇچى بولۇشى مۇمكىن بولغان زور مىقداردىكى گېنېتىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ غايەت زور ئۇچۇر ئامبىرى خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدا تەتقىق قىلىنغان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىدىن ئېلىنغان گېن لايىھىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەزى ئەمەلدارلار بۇنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا قانداق ۋە قاچان ئېرىشكەنلىكى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئەمما ۋىرۇسلارنىڭ بۇ خىل گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياساش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ماشىنىلار ئادەتتە سىرتقى بۇلۇتنى ئاساس قىلغان مۇلازىمېتىرلارغا ئۇلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە بۇ زور مىقداردىكى خام سانلىق مەلۇماتلارنى پايدىلىق مەلۇماتلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمە خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. شۇنداقلا خىزمەتنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق 17 تەتقىقات ئورگىنى ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرغا تايىنىپ تۇرۇپ بارلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇرەككەپ گېن تەرتىپى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىزاھلاشقا يېتەرلىك ماھارەتلىك ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىشەنچىلىك ئالىملارغا موھتاج بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغانلاردىن بولۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ خىتايچە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىشەنچىلىك بىر مەنبەنىڭ CNN غا بىلدۈرۈشىچە: «بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىشەنچىلىك بولغان ئالىملارنىڭ بارلىقى، ئەمما خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تاللىنىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ھەرقانداق ساھەدىكى ئالىملارلا ئەمەس، بەلكى بىئولوگىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن بولۇشى كېرەك دېگەندەكلەر بۇ خىزمەتنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان.

نۆۋەتتە بۇ تەكشۈرۈش خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى ئىنسانلارغا ياۋايى ھايۋانلاردىن تارقالغان-تارقالمىغانلىقىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم مەنبە بولماقتا.

ھۆكۈمەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا تەتقىق قىلىنىۋاتقان 22000 ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار 2019-يىلى 9-ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. شۇنداقلا خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى ۋە باشقا خام ماتېرىياللىرىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىغا تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

بۇ خەۋەر 1048 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2021 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق