ئاۋسترالىيە نۇسخىسىدىكى «ماگنىتىسكى قانۇنى» تۈزۈپ چىقىش پىلانلانماقتا

ئاۋسترالىيە ABC رادىيوسىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنى تەقلىد قىلغان ھالدا يېڭى بىر قانۇن تۇرغۇزۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئىزچىل ھالدا ئاۋسترالىيە نۇسخىسىدىكى ماگنىتىسكى قانۇنى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا پارلامېنت ھەيئىتىمۇ ھۆكۈمەتكە بۇ خىزمەتنى باشلاش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېين (Marise Payne) بىر باياناتىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ مۇستەقىل جازا يۈرگۈزۈش قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى ۋە دەۋرگە ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى قايسى دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇستەقىل ئورگان قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلغان.

ئاۋسترالىيەدە جازا يۈرگۈزۈش قانۇنى بۇندىن بۇرۇنمۇ بار بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر جازا يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنىڭ جانلىق ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. جۈملىدىن بۇ يىل مارت ئېيىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندە، ئاۋسترالىيە بۇ خىل قانۇن رامكىسىغا ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر سەپكە قوشۇلالمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېڭى جازا يۈرگۈزۈش قانۇنىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇلۇشىنى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1138 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2021 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق