شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدىن ئورۇن ئالدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە شىمالىي سىپرۇس (قىبرىس) قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە قىلغان ياردەملىرى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى مۇداپىئە تەشكىلاتى نازارىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا تۈركىيە ئورمانچىلىق باش ئىدارىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ شىمالىي سىپرۇس ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئەترىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان پىدائىيلار ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا بۇ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇددى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملەشكىنىگە ئوخشاش، قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتىنىمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل  ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن 36  كىشىلىك پىدائىيلار ئەترىتى 4-ئاۋغۇست ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە بېرىپ، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ياردەم خىزمىتىنى سۇنغان ئىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ 46 ۋىلايىتىدىكى 214 ئورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ 202سى تىزگىنلەنگەن.

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2021 11:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق