ئامېرىكا «ماشىنا ئارمىيە» قۇرۇپ چىقىشتا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن رىقابەتلەشمەكتە

سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئادەمسىز قۇرۇقلۇق ماشىنىلىرى ساھەسىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن تېخنىكا رىقابىتىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«ئاممىباب مېخانىكا» ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچىسى كىيل مىزوكامى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ خىل ئاپتوماتىك جەڭ روبوتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە بۇ ساھەنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمسىز ماشىنىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئارمىيەنى ئېھتىياجلىق مىقداردىكى جەڭ روبوتى بىلەن تەمىنلىگەن تۇنجى دۆلەتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە يەنە گېنېرال مايور روس كوفماننىڭ سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى گېنېرال پاتتوننىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى «ئەرۋاھ ئارمىيەسى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ: «قاراڭغۇلۇقتا بۇ ماشىنىلارنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئاڭلاپمۇ، ئېنىق ئورنىنى بىلمىسەڭ، قورقۇنچ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. 

«ئەرۋاھ ئارمىيەسى» ئامېرىكا ئارمىيەسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيەسىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مەخپىي قىسىم بولۇپ، بۇ قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى ساختا تانكا، يۈك ماشىنىسى ۋە رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىپ، دۈشمەننى قايمۇقتۇرىدىكەن، ئۇلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ قاتتىق مەخپىي تۇتۇلغانىكەن.

بۇ خەۋەر 5929 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق