خىتايدا تەيفېڭ بورىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى

جۇمھۇرىيەت تورىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىلغان بولۇپ، تەيفېڭ بورىنىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، 33 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن.

خىتاي جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى 43 دېڭىز قىرغىقى نۇقتىسىدىكى كىرىش ئېغىزىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرگەن. خەتەر سەۋەبىدىن 3500 دىن ئارتۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە 6200 بېلىقچى پورتقا قايتىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيفېڭ بورىنى يەنە ئۈچ كۈنگىچە مەزكۇر رايونلارغا تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك شامال ۋە بوران-چاپقۇن بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

نۆۋەتتە قاتتىق يامغۇرنىڭ جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى، فۇجيەننىڭ شەرقى ۋە گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 5713 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق