خىتاينىڭ يەنە بىر ساختا تەشۋىقات قوشۇنى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىندى

»ئۇچۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى (CIR) «ناملىق تەتقىقات ئورگىنى 5-ئاۋغۇست يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، مەخسۇس خىتاي رېجىمىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ساختا تەشۋىقات قوشۇنىنى پاش قىلغان.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ساختا ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان، پايدا ئالمايدىغان مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا 350 نەچچە كىشىلىك ساختا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىنىڭ زور تور قوشۇنى تەشكىللەپ، خىتاينى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن، خىتايغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە ئوبرازىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ تور قوشۇنى تىۋىتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام ۋە يۇتيۇب قاتارلىق سۇپىلاردا ئاكتىپ بولۇپ، بىر قىسمى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان باش سۈرەتلەرنى ئىشلەتكەن، يەنە بەزىلىرى ئوغرىلانغان ھېسابلارنى ئىشلىتىپ، باشقا تىلدىكى مەزمۇنلارنى تارقاتقان.

گەرچە مەزكۇر تور قوشۇنىنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ئېنىق دەلىل-ئىسپات بولمىسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۇ تور قوشۇنىنىڭ بۇندىن بۇرۇن فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېر تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن خىتايپەرەس ھېسابلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھېسابلار تارقىتىۋاتقان مەزمۇنلار خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئورگان تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزمۇنلار بىلەن بىردەكلىككە بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى، ئىرقچىلىقنىڭ ئېغىرلىقى قاتارلىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ھېسابلار يەنە شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان.

مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى بۇ ساختا ھېسابلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھەرىكىتىنى، كۆپ ئىشلىتىدىغان مەزمۇنلىرىنى، ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ تورلاشقان ساختا تەشۋىقات شايكىسىنى بايقاپ چىققان.

CIR بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، فېيسبۇك شىركىتى دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان بارلىق ھېسابلارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ساختا تەشۋىقات قوشۇنىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇتيۇب شىركىتىمۇ بۇ تور قوشۇنىدىكى قائىدە-نىزامغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلارنى تاقىۋەتكەن. تىۋىتتېر شىركىتىمۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ساختا ھېسابلارنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا گۇمانلىق ھېسابلارنى ئاساسەن دېگۈدەك تاقىۋەتكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن بۇيان، خىتاي رېجىمى ئىچى-سىرتىدىكى ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن غايەت زور خىراجەت ئاجراتقان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش، يالغان خەۋەر تارقىتىش، ساختا ھېسابلارنى ۋە چەت ئەلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم تور قوشۇنىغا زەربە بېرىلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 5750 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق