بايدېن خوڭكوڭلۇقلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 5-ئاۋغۇست خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئامېرىكا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى يېڭى بۇيرۇققا ئىمزا قويغان.

بايدېننىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىدا خوڭكوڭدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتتە تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، بۇ جەرياندا يۈزدىن ئارتۇق ئۆكتىچى سىياسەتچى، پائالىيەتچى ۋە نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقى ۋە ئۇلارنى «تېررورلۇق، دۆلەتنى پارچىلاش، ئاغدۇرۇش، چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، يەنە خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى (Jen Psaki)  شۇ كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېننىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان خوڭكوڭلۇقلارغا بولغان قوللىشىنى ۋە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ  ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشقاندا، كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېگرادىن چىقىرىلىدىغان بولۇپ، بايدېننىڭ يېڭى بۇيرۇقىغا ئاساسەن، خوڭكوڭلۇقلار مۇددىتى 18 ئاي بولغان ۋاقىتلىق پاناھلىققا ئېرىشىدىكەن، شۇنداقلا بۇ جەرياندا خىزمەت قىلسا بولىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بولۇپ، 30-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىققانىدى.

بۇ خەۋەر 5519 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 11:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق