شەرقىي تۈركىستاندىكى دېھقانلار خىتاينىڭ قەرز پاتقىقىغا پاتماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى بولغان تەڭرىتاغ گېزىتىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇلى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 381 مىليارد 612 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 29 مىليارد 107 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %8.26 بولۇپ، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 196 مىليارد 258 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 12 مىليارد 914 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %7.04 بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ %51ىنى ئىگىلىگەن.

نۆۋەتتە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇلى قالدۇق سوممىسى 102 مىليارد 411 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان. دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇل مۇئامىلىدارلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 293 مىڭ 500 ئائىلە كۆپەيگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۇتقۇن قىلىش، مۇسادىرە قىلىش، ئاشكارا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ۋەيران قىلغانلىقىنى، ئەركىنلىكىدىن، ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلغان خەلقنىڭ ھاشار ياكى تۆۋەن مائاشلىق ئەمگەككە مەجبۇرلانغانلىقىنى، قەرز پاتقىقىغا پاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 5820 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 10:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق