بىلىنكېننىڭ خەلقئارالىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 4-ماي شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار ئۇچرىشىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى بويىچە خىتاينى تەنقىد قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى سەكرىتىۋەتكەن.

بىلىنكېن تۈنۈگۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار ئۇچرىشىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ۋاڭ يى سۆز قىلىش نۆۋىتىنى تۈگەتكەن بولسىمۇ، قايتىدىن سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بىلىنكېننىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ خەلقئارالىق مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بىلىنكېننىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكا يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپمۇ بۇنىڭغا قارشى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 5785 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2021 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق