ئامېرىكا تەيۋەنگە زور مىقداردا قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى قورال سېتىپ بېرىش قارارىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ رايوندىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 4-ئاۋغۇست تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەيۋەنگە 40 يۈرۈش پالادىن ناملىق ئوتتۇرا تىپلىق زەمبىرەك ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 750 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بۇ قېتىملىق قورال-ياراغ سودىسىنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ قورال-ياراغلارنىڭ تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا-تەيۋەن سودا كېڭىشى 4-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن ئامېرىكىغا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، بۇ قورال-ياراغ سودىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن يېنىشى كېرەكلىكىنى ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 5669 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2021 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق