مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى مۇقىم ئەمەس

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە،  ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن ۋە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك، تېخىمۇ كۆپ پۇل ۋە مالىيە بوشىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيەنىڭ نومۇرا خەلقئارا ئاكسىيە گۇرۇھى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى پەسىلدىكى GDP سىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.4 ۋە %5.3 تىن %5.1 ۋە %4.4 كە، پۈتۈن يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %8.9 تىن %8.2 كە چۈشۈرگەن ۋە خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەن خىتاي ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويىدىغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدەك سەۋەبنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى زىيادە قاتتىق تەدبىرلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارىتا بەزى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن. ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ناتايىن ئىكەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار يەنە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە كۆپلەپ خىراجەت ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا بەزى تەدبىرلەرنى بوشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 5665 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2021 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق