ئالما شىركىتى يېڭى يانفونىنى ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان.

بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى iPhone 13 نى ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى ھەمكارلاشقان بولۇپ، لىشۈن شىركىتى (Luxshare Precision) مەھسۇلاتنىڭ %3 نى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، لەنسى تېخنولوگىيە شىركىتى (Lens Technology) مېتال قېپىنى، شۈنيۈ ئوپتىكا شىركىتى (Sunny Optical) ئارقا ئاپپاراتنىڭ لىنزىسىنى، جىڭدۇڭفاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى (BOE Technology) بولسا بىر قىسىم زاپچاسلارنى تەمىنلەيدىكەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە ئەگىشىپ، پەن-تېخنىكا ماگناتى ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. جۈملىدىن ئالما شىركىتى بۇ قېتىممۇ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرغان لەنسى تېخنولوگىيە شىركىتى 2018-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن 600 ئىشچى قوبۇل قىلغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئالما شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئالما شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 5766 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق